第2个回答 2013-03-13
مەجبۇرىيەت قايناملىرىدىكى خىياللار
شېئىر
ئاپتورى: تۇرسۇن ھۆسەيىن بۇژغۇن
(1)
ساختىلىق،شەكىلۋازلىق-مەغلۇبىيەتنىڭ كۆلەڭگۈسى،
ھەقىيقىيلىق،چىنلىق-غەلبە،مۇۋاپىقىيەتنىڭ بەلگۇسى.
(2)
مائارىپ-شەكىلۋازلىقتىن مۇستەسنا بولغان چېغىدا،
ئەۋلاتلار بەختى كۈلەر گۈل-گۈلۈستان بېغىدا.
(3)
كوچىلاردا سانسىز گۈدەكلەر،
ئىزگۈلۈكتە تىنەپ يۈرمەكتە.
«شۇ مۇقەددەس بۈيۈك مۇنبەرگە،
كۆز تاشلىشىپ،خىيال سۈرمەكتە.»
قانداق يۇرەي كۆرمەسكە سېلىپ،
بۇ ئازاپلار قەلبىمنى-تىلىپ؟!
(4)
بولسا بىزدە چۈمۈلە روھىي،
كۆز چاقنىتار چۆلدە ھاياتلىق.
ئۇستاز روھىي كۆيۈپ- يالقۇنجاپ،
ئەۋلاتلارنى قىلار قاناتلىق.
ئەۋلاتلارنىڭ مىسكىن كۆڭلىگە،
شۇ روھ بىرەر شاتلىق،ئاراملىق!
(5)
تاغ يولىدىن كىلەر بىر بالا،
تاپانلىرى چاك-چاك يېرىلىپ.
مەكتەپ ئىشقى دىلىدا گۈلخان،
تال چىۋىقنى مىنىپ،ئات ئېتىپ.
شۈنچە يىراق تاغلىق يىزىدىن،
ئوقۇيمەن دەپ كەلدى مەكتەپكە.
يورۇتايلى ئۇنىڭ قەلبىنى،
ئۆرلىسۇن ئۇ يۈكسەك پەللىگە!
2004-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۇنى خوتەن-نىيە
ئاتا-ئانا ھاياتي ئۆتسۈن مەڭگۈ مەنىلىك
(ئاتا-ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈن خاتىرسىگە)
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۆسەيىن بۇژغۇن
ئادەم ئاتا-ھاۋانىڭ جان پارىسى ئىككىڭلار،
پەرزەنتلەرنىڭ تۈۋرۈكى،كۆز قارچۇقى ئىككىڭلار.
دەسلەپ ئىككى ئىدىڭلار،مانا بولدۇق يىگىرمە توت،
شۇ قەۋمىنىڭ يىلتىزى،خۇشاللىقى-ئىككىڭلار.
ھايات دېگەن مانا شۇ دىيىشتۇق كۆپ چاغلاردا،
ئەمما نىيەت قىلمىدۇق،يەك مۇڭ قىلدۇق تاڭلاردا.
كۆرۈشكەندە ھېچ ھال يوق،تۈگىمەيدۇ گەپ-سۆزلەر،
ئۆتسەك ھال-مۇڭ قىلىشىپ،خۇش ھاۋالىق باغلاردا.
يەتمىش باھار،ئاياز ھەم كۈز-قىش كەتتى مەنىلىك،
ئاتمىش باھار گۈلزارى كۆكلەپ كەتتى بەرگىلىك.
شۇ باھار-ياز-كۈز-قىشنىڭ ھەر پەسلى بىر مۆجىزە،
شۇ مۆجىزە ئۇرىغىن دىل قەسرىگە-تەرگىلىك.
مۆجىزە بىز-مۆجىزە،ياراتقۇچى ئىككىڭلار،
كېلىچەككە ئۆچمەس شام تىكلىگۈچى ئىككىڭلار.
بۇ ھاياتقا ھەر نەپەس مېھىر بىرىپ كۆيۈنۈپ،
ئەۋلاتلارغا چىن رىشتە باغلىغۇچى-ئىككىڭلار.
ھاياتىڭلار دائىم خۇش،ئۆتسۇن مەڭگۇ مەنىلىك،
مۆجىزەڭلار رەڭدار گۈل كۆكلەپ كەتسۇن-بەرگىلىك.
ئەۋلادىڭلار سىلەردىن پەخىرلەنسۇن،سۆيۈنسۇن،
ئەدەپ-ئەخلاق ئۇرىغىنى دىل-دىللارغا تەرگىلىك...!